ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1200690
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە ئەردوغان، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئىدلىب جىددىيلىكنى ئازايتىش رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان نۇقتىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى، پۇقرالار بىلەن مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ پىلانلىق ھالدا ۋەيران قىلىنىشىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش سۆزى بىلەن ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھاكىمىيەتنىڭ مۇددىئاسىنىڭ ئىدلىبتا تۈرك – رۇس ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئاستانا روھىغا زىيان يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىدلىبتا سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي مۇساپىنى دەخلىگە ئۇچرىتىش خەۋپىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەر ئىككى رەھبەر سوچى كېلىشىمىگە بولغان ساداقىتىنى تەكىتلىگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان بۈگۈنچىگە سوچى كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئورتاق نىشانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، رايوننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا نىسبەتەن شەرت دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر