ئەردوغان بىلەن پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئاستانا مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىردەك تەكىتلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.