ئەردوغان ۋىلادىمىر زېلېنىسكىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكىغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.
1189639
![ئەردوغان ۋىلادىمىر زېلېنىسكىنى تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9944/aaf0/04c9/5cc15a0791694.jpg?time=1719033893)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، زېلېنىسكىنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن.
ۋىلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %73.22 ىنى ئالغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
زېلېنىسكىنىڭ رەقىبى سابىق پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بولسا، %24.45 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719033893)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.