تۈركىيە ئىتالىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ 1915 - يىل ۋەقەلىرى ھەققىدە ئاتالمىش ئەرمەنىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى.

1181114
تۈركىيە ئىتالىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىغا 2019يىلى 10ئاپرىلدا سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپى، ئىچكى سىياسەتكە ئەرمەنىيلەرنىڭ ئاتالمىش داۋالىرىنى سۇيىئېستىمال قىلىشتىن ئىبارەت بىر تەكلىپتۇر. بۇ تەكلىپنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى. 

باياناتتا، «بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ تۈركىيە - ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ماتتو سالۋى رەھبەرلىكىدىكى لېگا پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس» دېيىلدى ۋە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى:

«ھەيران قالارلىق ۋە ئازابلىنارلىق بولغان تەرىپى، لېگا پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىش مەقسەتلىك ئويۇنىغا ئاۋام پالاتاسىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىدۇر. ئاساسەن ھەممىگە مەلۇملۇق ئەرمەنىي يالغانلىرى داۋاملىق سايلاملاردىن ئىلگىرى ياكى تۈركىيەگە ئۆچمەلىك قىلىش نۇقتىسىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەكتە. بۇ ئىش ئاتالمىش ئەرمەنىي داۋاسىنىڭ سىياسىي خاراكتېرى ۋە تارىخىي ھەقىقەتلىرىنى ئاشكارىلىماقتا.  بۇ ئۇرۇنۇشلار ھېچقايسى تەرەپكە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنگە ئوخشاش كەلگۈسىگە قارىتىلغان ياخشى نىيەتلىك تىرىشچانلىقلارنىڭمۇ ئالدىغا توسالغۇ بولماقتا»

باياناتتا بۇ قارارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مۇناسۋەتلىرى ۋە قويۇق سودا ھەمكارلىقى بولغان تۈركىيە ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ھەر خىل تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە: «تارىخنى سىياسيلاشتۇرۇرىدىغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا ئوخشاش بۇ ئىشمۇ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ھۆكۈم كۈچىگە ئىگە ئەمەس» دېيىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىدا، «تارىخنى سىياسىيلاشتۇرىدىغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا ئوخشاش ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قارارىمۇ تۈركىيەگە نىسبەتەن نۆلگە تەڭدۇر. ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى چەت ئەللەرگە دۈشمەنلىك قىلغۇچى لېگا پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىش مەقسەتلىك ئويۇنىغا ئىتاليە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. 

ئىتالىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش ئەرمەنىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشى ۋە بۇنى خەلقئارادا قوللىشى تەلەب قىلىنغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپى، 43 بىتەرەپ ئاۋازغا قارشى 382 قوللاش ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر