ئەردوغان كرېمىل سارىيىدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن، بولۇپمۇ سۈرىيەدە بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1179256
ئەردوغان كرېمىل سارىيىدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8-قېتىملىق تۈركىيە-رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك كېڭىشى يىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن، بولۇپمۇ سۈرىيەدە بېسىلغان قەدەملەرنى ۋە بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يەنە بىر مۇھىم قەدەم بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە رايوندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەمكارلىق ئىچىدە باسقان قەدەملىرىمىزدۇر» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 13 كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ %15 ئاشقانلىقىنى، نىشانلىرىنىڭ بولسا بۇ رەقەمنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت پۇتىن تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 35 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «تۈركىيە بىلەن خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىقىمىز بار» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، 8-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر