تۈركىيە لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى
تۈركىيە، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇسقا قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت پەيدا قىلغان ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
![تۈركىيە لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/381d/436c/992d/5c3441f062b6b.jpg?time=1719045226)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «لىۋىيەدىكى تىرابلۇسقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە پەيدا بولغان خەتەرلىك جىددىيچىلىكتىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىنماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
«بۇ خىل ھەرىكەتلەر پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ۋە دۆلەتنى مۇقىمسىزلىققا ئىتتىرىشتىن باشقا نەتىجىگە ئېلىپ بارمايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي مۇساپىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېيىلگەن باياناتتا يەنە، «جىددىيچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە پەسكويغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە سۈكۈناتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغان تۈركىيە، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئورتاق پوزىتسىيە ۋە ئىرادە نامايان قىلىشىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719045226)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.