مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى ئەزىز سەنجەر بىلەن كۆرۈشتى

: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلو نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ئەزىز سەنجەر بىلەن كۆرۈشتى

1178404
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى ئەزىز سەنجەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلو، ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ئەزىز سەنجەر بىلەن كۆرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نىيۇيورك، ۋاشىنگىتون ۋە مىيامىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن شىمالىي كارولىناغا كەلدى.  

شىمالىي كارولىنادا دۇنياغا مەشھۇر تۈرك ئالىمى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىز سەنجەر ۋە رەپىقىسى گېۋن سەنجەر بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، سەنجەر بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك ئالىمى سەنجەر ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تەجرىبىخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەنمۇ سۆھبەت قىلدى.

مىنىستىر  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارقىدىن شىمالىي كارولىنا رايونىدا ئوقۇۋاتقان تۈرك ۋە ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ: بۇ يەرگە كېلىشىمىزدىكى مەقسەت تۈرك مىللىتى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخرى بولغان ئەزىز سەنجەرنى يوقلاش ئىدى. بىز بۈگۈن بۇ شەرەپكە نائىل بولدۇق، ئالىمىمىز ئەزىز سەنجەر يۇرتىنى، ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، شۇنداقلا مەملىكىتىنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان قىممەتلىك ۋە پەخىرلىك ئۇستازىمىدۇر، دېدى.

ئىلىم ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزىز سەنجەرنى تەبرىكلىگەن مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزىز سەنجەرنىڭ نۇرغۇن تۈرك ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر