ياۋروپا كېڭىشى تۈركىيەدىكى سايلام خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

ياۋروپا كېڭىشىگە قاراشلىق يەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مەركىزى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھەيئەت باشلىقى ئاندرېۋ تۈركىيەدىكى سايلام خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

1174754
ياۋروپا كېڭىشى تۈركىيەدىكى سايلام خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىگە قاراشلىق يەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مەركىزى تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلاملارنى كۆزىتىش مەقسىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھەيئەت باشلىقى ئاندرېۋ داۋسون، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

20 دۆلەتتىن كەلگەن جەمئىي 22 كۆزەتكۈچىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنىڭ 10 گۇرپپىغا ئايرىلىپ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە دىياباكىرغا ئوخشاش شەھەرلەردە سايلامنى كۆزەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئاندرېۋ داۋسون، سايلاملارغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %84 بولغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىنمۇ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتقان داۋسون: تۈركىيەگە ئوخشاش چوڭ بىر دۆلەتتە سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى زور مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

مىيىپ ۋە ياشانغانلارنىڭ ئاۋاز بېرەلىشى ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن شارائىتلاردىنمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان ھەيئەت باشلىقى داۋسون، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام توغرۇلۇق تەييارلىنىدىغان دوكلاتنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا ئوسلودا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر