ئەردوغان: بىخەتەر رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ھېچكىمگە تاشلاپ بەرمەيمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە تەسىس قىلىنىدىغان بىخەتەر رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ھېچكىمگە تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1153266
ئەردوغان: بىخەتەر رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ھېچكىمگە تاشلاپ بەرمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە بىر مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بەزى تەرەپلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسى بويىغا ئۇۋا سالغان ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى خەۋپىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بىخەتەر رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ھېچكىمگە تاشلاپ بەرمەيمىز» دېگەن ئەردوغان، «بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى بىخەتەر رايوننىڭ كونتروللۇقىنىڭ تۈركىيەنىڭ قولىدا بولۇشىدۇر. بۇنى بىز نە گېرمانىيەگە، نە فىرانسىيەگە، نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بەرمەيمىز. ھازىر پۈتكۈل دۇنيا <تۈركىيە بولماي تۇرۇپ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ> دەپ بايانات بەرمەكتە» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ كولدۇرلىتىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بۇ ئىش ئەگەر بىر كولدۇرلىتىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالسا، پوزىتسىيەمىز پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چېكىنىدۇ، بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بەلكى ئۇ يەردە 300 – 400 ياكى 200 ۋەياكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر سۈپىتىدە 500 ئەسكەرنى قالدۇرۇپ قويۇشلىرى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى جەلپكار مەركەزلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويدى. ياۋروپا بىئارام. بۇ ئىش بۇنداق كېتىۋەرسە، بىزنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ ئۆز يولىمىزنى بەلگىلەشكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر