تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1151448
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان نىشانلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە زاپ رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان نىشانلار يوقىتىپ تاشلىغان» لىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر