تۈركىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بېيجىڭنى ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار ئىنكاسلىرىنى نەزەرگە ئېلىشقا چاقىردى.

1142019
تۈركىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بېسىملار، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.»

خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە قىيىن – قىستاقلار، تەن جازالىرى ۋە مېڭە يۇيۇش قاتارلىق جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئەمدى ھېچكىمگە سىر ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «چەت ئەللەردە (خىتاي سىرتىدىكى دۆلەتلەردە) ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىز بۇ رايوندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ، مىڭلارچە ئۇيغۇر بالىلار ئاتا – ئانىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، يېتىم قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ، 21 – ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق ھالدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىنسانلىق نامىدىن قاتتىق نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىمىزنى خىتاي دائىرىلىرىغا ھەر سەۋىيەدە يەتكۈزدۇق.»

باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى: «مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بىر ناخشىسى سەۋەبىدىنلا 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا ۋاپات بولغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇ – ھەسرەت ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسە، تۈركىيە خەلقى ۋە كەڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدىكى نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ھەقلىق نارازىلىقنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر