تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ۋىزا قارارىدىن خۇرسەن

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا «ۋىزىسىز ساياھەت» قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قاررىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1140877
تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ۋىزا قارارىدىن خۇرسەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسوي رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «2018 – يىلى 1 – نويابىر كۈنى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كونسۇلخانا خىزمەتلىرى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، رەسمىي پاسپورت، سودا پاسپورتى ۋە خۇسۇسىي پاسپورتى بار تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن خەلقئارالىق يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بىكار قىلىش قارارنامىسىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»

بۇ قارارنامىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى توغرۇلۇق رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2010 – يىلى ئىمزالانغان <ۋىزىسىز ساياھەت كېلىشىمى> نىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە ئاممىغا خاس پاسپورتى بار تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنىڭغا  داخىل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە ئارقىلىق 2015 – يىلى نويابىردا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى توغرۇلۇق باشلانغان ۋىزا رەسمىيىتىدىكى بەزى چەكلمىلەر بىكار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر