تۈركىيە: فىرانسىيەدىن ئالىدىغان دەرسىمىز يوق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ 24 – ئاپرېلنى ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقىنى «خاتىرىلەش كۈنى» ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىدى.

1140676
تۈركىيە: فىرانسىيەدىن ئالىدىغان دەرسىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ھامى ئاقسوي، «بىز، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەرمەنلەردىنمۇ پايدىلىنىپ ئانادولۇدا سالغان زۇلۇملىرى، ئالجىرىيەدە سادىر قىلغان قەتلىئاملىرى ۋە رۇئاندا قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىقى بىلەن تونىغان فىرانسىيەنىڭ ھاكاۋۇر شۇنداقلا ئادەتتىكى تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەھرۇم سىياسەتچىلىرىدىن ئالىدىغان ھېچبىر دەرسىمىز يوقتۇر» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي مەسىلىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ قانۇنىي، تارىخىي ۋە ئاكادېمىك تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە يوللۇق بىر دەتالاش تېمىسى ئىكەنلىكىنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى باشتا بولۇپ فىرانسۇز ئەمەلدارلارغا قانچە قېتىملاپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تەرىپىدىن ئاڭلىتىلغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى ۋە تارىخىي ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا، ئەرمەن بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ھامى ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئوسمانلى تارىخىدىن بىخەۋەر بىر سىياسەتچىنىڭ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا قانۇنىنى نەزەرگە ئالماسلىقى ۋە تۈركلەر ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر ئورۇندا تۇرىدىغان تارىخىي بىر مەسىلىدە شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتلىرى بەدىلىگە بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋالدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەرمەن ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىش دەۋرىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھامى ئاقسوي، تارىخنىڭ ئەڭ ئازابلىق دەۋرىنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈركىيەنىڭ ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر