تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا تۈنۈگۈن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى بىلەن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/381d/436c/992d/5c3441f062b6b.jpg?time=1718969392)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، موقدىشۇدىكى بىر سودا مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، قېرىنداش سومالى خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
موقدىشۇنىڭ خامار ۋېينې رايونىدا ھۆكۈمەت بىنالىرىغا يېقىن جايدىكى بىر سودا مەركىزىنىڭ يېنىدا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاپتوموبىل پارتلاپ 7 ئادەم ئۆلدى، 9 ئادەم يارىلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718969392)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.