ئادانادا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋىشى قولغا چۈشتى
مەرسىن جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشلانغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىغان داۋۇت باغىستانى ۋە ھەمراھلىقىدىكى 3 كىشى ئادانادا نازارەتكە ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادانا ۋە مەرسىندە يالغان گېراژدانلىق كىنىشكىسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان داۋۇت باغىستانىنىڭ ئىلگىرى ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى لاگىرلىرىدا، تېرررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە لاگېردىكى كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىلىگىرىكى يىللاردا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىگە ۋاستە بولغانلىقى، جىنايەتچىنىڭ يەنە، ئىسرائىلىيەدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئاشكارىلاندى.
داۋۇت باغىستانىنىڭ ئالدىنقى يىلى سۈرىيەنىڭ راككە شەھىرىدىكى ي پ گ / پ ك ك تېرررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدىمۇ خىزمەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.