تۈركىيە نوپۇسى 2018-يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق كۆپەيگەن

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2018-يىلى تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 1 مىليون 193 مىڭ 357 كىشى كۆپىيىپ، 82 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1136892
تۈركىيە نوپۇسى 2018-يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق كۆپەيگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (İK) تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېڭى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى دۆلەت نوپۇسى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا 1 مىليون 193 مىڭ 357 كىشى كۆپىيىپ، 82 مىليون 3 مىڭ 882 كىشى بولغان.

ئىستانبۇل 15 مىليون 67 مىڭ 724 كىشىلىك نوپۇسى بىلەن، نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولغان بولسا، ئەنقەرە 5.5 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن ئىككىنچى، ئىزمىر 4.3 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن، نوپۇسى كۆپ ئۈچىنچى شەھەر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر