تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بىر ھەربىي گازارمىغا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1130823
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ۋارداق ۋىلايىتىنىڭ مەيدان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئافغانىستان خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە (يەنە نۇرغۇنىنىڭ) يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە ۋاقىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋارداق ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن 4 ھۇجۇمچىدىن بىرى بىر ئاپتوموبىل بومبىنى گازارمىنىڭ ئىچىدە پارتلاتقاندىن كېيىن، باشقا ھۇجۇمچىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان، ھۇجۇمدا 126 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر