چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدىغان قوراللار ئۈستىدە توختالدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئارقىغا يانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1123037
چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدىغان قوراللار ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەخ مەيدان پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تۈركىيە سېتىۋالماقچى بولغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا تۇنجى تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى، بىراق رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «رۇسىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى مۇداپىئە قىلىشقا تىرىشىدىغان ئەھۋالدا ئەمەسمىز. بىزنىڭ ھازىر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار. كەلگۈسىدە ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىمۇ ئالىمىز. نەتىجىدە بىز سودا قىلىۋاتىمىز. ئەمدىلىكتە مەجبۇرلاشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر تۈركىيە بار» دېدى. 

ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئۇچۇق يورۇق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بار ئىدى، سىلەردىن تەلەپ قىلدۇق بەرمىدىڭلار. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ شۇنداق قاراشتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى خالىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋالالايدۇ. رۇسىيە بىلەن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا بۇرۇنلا تاماملىنىپ بولغان بىر كېلىشىم بار. بىز بەرگەن ۋەدىمىزنى ھېچقانداق ئەھۋالدا ئنۇتۇمايمىز. «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بۇرۇنلا پۈتۈپ تۈگەپ بولغان بىر كېلىشىمدۇر. ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزەلەيمىز. بىراق «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا بىرەر مەجبۇرلاش بولماسلىقى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر