ئەنقەرە نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ ناتوغرىلىقىنى دەلىللىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ «تۈركىيەدىن چەت ئەلگە كۆچۈش» تېمىسى ئاستىدا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1120106
ئەنقەرە نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ ناتوغرىلىقىنى دەلىللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ «تۈركىيەدىن چەت ئەلگە كۆچۈش» توغرىسىدىكى خەۋىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئەمگەك كۈچى ئىشلىرى ئىشخانىسى رەت قىلدى؛  باياناتتا، گېزىتنىڭ خەۋىرىدىكى «2017 – يىلى تۈركىيەدىن كۆچۈپ كەتكەن تۈركلەر سانىنىڭ چارەك مىليوندىن ئارتۇق» ئىكەنلىكىگە دائىر دەۋالارنىڭ ئاساسسىزلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «جامائەتچىلىككە ئوچۇق بولغان تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارالغىنىدا، 2017 – يىلى تۈركىيەدىن كۆچۈپ كەتكەن پۇقرالىرىمىزنىڭ سانىنىڭ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگىنىدەك چارەك مىليوندىن ئارتۇق ئەمەس، ئەكسىچە، 113 مىڭ 326 كىشى ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ سان دەۋا قىلىنغاننىڭ يېرىمىدىنمۇ ئازدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەگە چەت ئەلدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ سانى 101 مىڭ 772 كىشىدۇر ۋە چەت ئەلگە بېرىلگەن ئېنىق كۆچمەن سانى 11 مىڭ 554 كىشىدۇر.»

باياناتتا، ماقالىدىكى چارەك مىليون دېگەن ئىبارىنىڭ چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ سانى ئەمەس، تۈركىيەدىن چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن تۈركىيە پۇقرالار ۋە چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر