چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلالايدىغان مۇھىم كۈچلەردىن بىرى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل  قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1115068
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلالايدىغان مۇھىم كۈچلەردىن بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدىكى ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «سىياسەت كۇلۇبى» دا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،  دىپلوماتىيە سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، سۈرىيەدە بولۇپمۇ ھەلەب كىرىزىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ساھەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، سۈرىيە كىرىزىسىىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلاردىن بىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى   قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ مىللىي ۋە مۇقەددەس داۋاسىنىڭ بارلىقىنى، قۇددۇس، پەلەستىن مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلمىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتە ئىنسانىي دىپلوماتىيە سىياسىتىدە تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەملىكىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن، دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق كىرىزىسلار ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىماي دۇنيا بويىچە ئەڭ مەرد دۆلەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر