يىلدىرىم ئىران پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي ۋە قىرغىزىستان زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن «تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى  كۈرەش» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تېھرانغا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم ئىران پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى بىلەن كۆرۈ

1102874
يىلدىرىم ئىران پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان قوشنا ھەم قېرىنداش سۈپىتىدە ئىناق ۋە دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىران بىلەن ھەم قوشنىمىز، ھەم قېرىنداشمىز، ھەم قانچە ئەسلەردىن بۇيان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. جۈملىدىن، ئىراننىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭمۇ خۇشاللىقىمىز، غەم – قايغۇسى ۋە دەرد – ئەلەملىرى بىزنىڭمۇ غەم - قايغۇمىز ھەم دەرد – ئەلەملىرىمىزدۇر.»

 يىلدىرىم، «چاھار رايونى» دا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار مۇناسىۋىتى بىلەن ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئىران پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانىمۇ،  بىنالى يىلدىرىم باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارلامېنت باشلىقى   بىنالى يىلدىرىم تېھراندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى لېئونىد سلۇتكى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر