ئەردوغان پاراگۋاي پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاراگۋاي پىرېزىدېنتى مارىئو ئابدو بېنىتېز، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1099265
ئەردوغان پاراگۋاي پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەرنىڭ پايتەخت ئاسۇنسىيوندىكى تارىخىي ھۆكۈمەت بىناسى لوپېز سارىيىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىندى؛ باياناتتا، بېنىتېز، تۇنجى قېتىم بىر تۈرك پىرېزىدېنتىنىڭ پاراگۋايدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىنمۇ بۇ زىيارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«پىرېزىدېنتلار، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە ئەنقەرەدە ۋە ئاسۇنسىيوندا ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاراگۋايدا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى ئارماغان ئىنجى ئەرسوينى تەيىنلىشى سايىسىدا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دېموكراتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكى قاتارلىقدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئەردوغان بىلەن بېنىتېزنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «مائارىپ، كۈلتۈر، پەن – تېخنىكا، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى» بىلەن «دىپلوماتىك تەلىم – تەربىيە بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى» نىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىمزالىنىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن رەھبەلەر، سېلىنمىلارنى ئۆزئارا كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى» دېيىلدى.

لىدېرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى كېلىشىمى دائىرىسىدە قۇرۇلغان قوشما ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 2019 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئىككى پىرېزىدېنت ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايونلار دۇچ كېلىۋاتقان تېررورىزم ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر