تۈركىيە بۇ يىل 41 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە بۇ يىل ھەم چەت ئەللىك ھەم يەرلىك بولۇپ جەمئىي 41 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

1098058
تۈركىيە بۇ يىل 41 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 2018-يىلى ئىچىدە 41 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ 41 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2018-يىلىدا تۈركىيەدە ساياھەت قىلغان ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %22.43 ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 571 مىليون 419 مىڭ كىشى چەت ئەللىك بولغان بولسا، 5مىليون 217 مىڭ 193 كىشى يەرلىك ساياھەتچىلەر ئىكەن.

تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر رۇسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، بۇلغارىيە ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.

تۈركىيەگە رۇسىيەدىن 5 مىليون 724، گېرمانىيەدىن 4 مىليون 155 مىڭ 646، ئەنگلىيەدىن 2 مىليون 158 مىڭ 304 ساياھەتچى كەلگەن.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر