تۈركىيە سۈرىيە تېمىلىق يىغىندا مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىدى

تۈركىيە پايتەخت ئاستانادا سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان يىغىندا مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىدى.

1097385
تۈركىيە سۈرىيە تېمىلىق يىغىندا مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان سۈرىيە تېمىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك يىغىندا، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە تۇتقان قەتئىي پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، سۈرىيە تېمىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك يىغىنلارنىڭ 28-29-نويابىر كۈنلىرىدە ئاستانادا چاقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش باھانە قىلىنىپ يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، بۇنىڭدىن سىرت تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە تۇتقان قەتئىي پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.»

يىغىندا سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ۋە سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلدى.»

باياناتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلدى: «ئىدلىب رايونىدا توقۇنۇشنى ئازايتىشقا دائىر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ،  ئىدلىبتا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.»

يىغىندا يەنە تەرەپلەر ئەسىرگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، جىنازىلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان خىزمەت لايىھەسى دائىرىسىدە، سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەت تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بەزى كىشىلەرنىڭ 24-نويابىردا ئالماشتۇرۇلۇشىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

باياناتتا سۈرىيە تېمىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك يىغىنلارنىڭ 12-نۆۋەتلىكىنىڭ كېلەر يىلى فېۋرالدا ئاستانادا چاقىرىلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر