تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1087041
تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندە ئىشغال ئاستىدىكى غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 13 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئىبراھىم قالىن، «بۇ ھۇجۇملار ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇن تونىمايدىغان، مۇشتۇمزور ۋە ئىشغالچى پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. ئىسرائىلىيە، غەززە خەلقىگە قاراتقان بۇ ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى لازىم. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ۋە قۇدۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ ئىغۋاگەرچىلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالچى ۋە كېڭەيمىچى سىياسەتلىرىگە پۈتكۈل دۇنيا <توختا> دېيىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك چارە ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ئورۇنلۇق دەۋاسىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر