تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1085462
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شەرقىي قۇددۇستا 792 ئۆي قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار بايان قىلىندى: "ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى شەرقىي قۇددۇستىكى قانۇنسىز بەرپا قىلىنغان رامات سىلومو ۋە راموت تۇرالغۇ رايونلىرىدا 792 يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بېرىپ يەنە بىر قېتىم خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە زىت ھالدا چىقىرىلغان بۇ قارارنى ئەيبىلەيمىز."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر