تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

1085211
تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ھالقىلىق دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەر سادەدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا.

تۈركىيە 1991 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1992 – يىلى 29 – يانۋار كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. 1992 – يىلى ھەم بىشكەك ھەم ئەنقەرە باش ئەلچىخانىلىرى ئېچىلدى.

تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر نۆۋەتتە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يەتتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، ھەربىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساغلاملىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەر، 200 دىن ئارتۇق كېلىشىم ۋە كېلىشىم لايىھەلىرىدىن تەشكىل تاپقان كەڭ دائىرىلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن 1997 – يىلى «ئەبەدىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى. 1999 – يىلى «تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان 21 – ئەسىردە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ» تەرىقىسىدىكى باياننامە ئېلان قىلىندى. 2011 – يىلى «ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىغا ئالاقىدار ئورتاق باياننامە» ئىمزالاندى. بۇ ھۆججەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە بولۇپمۇ دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە كۆپلىگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر زىيارەتلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاندا ناھايىتى مۇھىم لايىھەلىرى بار بولۇپ، يېقىندا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن پايتەخت بىشكەكتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «قىرغىزىستان – تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى» بۇ لايىھەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە قىرغىزىستاندىن 100 بىمارغا ھەقسىز  تېببىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، قىرغىزىستانلىق بىمارلار ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلار ۋە داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالىنالايدۇ.

قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن «ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى» ئۇنۋانى بېرىلگەن ئورتاق بىر ئالىي بىلىم يۇرتىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مىسلىسىز نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى قىرغىزىستاندىكى ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ھەر يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن 25 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا باكلاۋورلۇق ۋە ماگېستىرلىق پىروگراممىلىرىدا ھەقسىز بىلىم ئالالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن قىرغىزىستاندا ھەر خىل ساھەلەرگە ئالاقىدار مۇھىم لايىھەلەر ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا بىر ھەدىيەسى بولغان بىشكەك مەركەز جامەسى، يېقىندا بىۋاسىتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي تالانتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا.

يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى % 26.7 ئاشتى. تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، سېلىنما ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە.

2017 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ تۈرلۈك نۇتۇقلىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.

ھەممىگە مەلۇمكى، جېنبېكوۋ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە سىياسىتىدە مىللىي مەنپەئەتلەرنىڭ داۋاملىق قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىنزنى مۇستەھكەملەيمىز، قوشنا دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش ئەللەر بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.»

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئاساسىي جەھەتتىن رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزى ئاستىدىكى قىرغىزىستاننىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە گېئوپولىتىكىلىق يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىش مۇمكىن. دەرۋەقە، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەش، ئىقتىساد – سودا، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىغا پارلامېنت تەرىپىدىن چەكلىمە قويۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال، جېنبېكوۋنىڭ ئالدىنقى پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋنىڭ 6 يىللىق ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. بىراق، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە قارىغاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر دىپلوماتىيە سىياسىتىدە زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ھەر ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ ئوخشاش تىلغا ۋە ئوخشاش مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشدۇر.

ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋ بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بۇ ئۆزگىرىشچان دۇنيادا مۇقەددەس قانۇنلارغا ئاساسەن ھەممە ئىش ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە يوق بولىدۇ، ئەمما مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ مەدەنىيەتتۇر.»

ئايتماتوۋنىڭ بۇ سۆزىگە ئەسلىدە نۇرغۇن چوڭقۇر مەنىلەر يوشۇرۇنغاندۇر. چۈنكى، مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى مەدەنىيەتتۇر. تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلىرى مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھەمىشە ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسىدە دېموگرافىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە.

تۈركىيە بۇ دائىرىدە، سىياسىي ۋە قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان قىرغىزىستانغا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ياردەم بەرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى نوپۇزىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. بۇ نۇقتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، قىرغىزىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كېرەكلىك قانۇنىي جەھەتتىكى قەدەملەرنى تاشلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر