«ئالتاي تانكىسى»  تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

«ئالتاي تانكىسى» نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىم لايىھەسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنى بىلەن BMC تەرىپىدىن ئىمزالىنىدۇ.

1084838
«ئالتاي تانكىسى»  تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئۇرۇش تانكىسى «ئالتاي» نى تۈركۈملەپ  ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر تاماملاندى. بۇ ھەقتىكى 250 دانە «ئالتاي» ناملىق تانكىنى تۈركۈملەرپ  ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىم لايىھەسى بۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنى بىلەن BMC تەرىپىدىن ئىمزالىنىدۇ.  

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، ئىمزاغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇڭا كېلىشىمنى ئىمزالاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمزادىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ تامامىنىشى   ئۈچۈن 18 ئاي كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر