پادىشاھ سەلمان بىلەن ئەردوغان تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1068532
پادىشاھ سەلمان بىلەن ئەردوغان تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىنىڭ ئايدىڭلىتىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پادىشاھ سەلماننىڭ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلاھاتچىلار قانىتىنىڭ مۇھىم مۇنبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى» گە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ۋە غەرب مېدىياسىدا ئوتتۇرا شەرققە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان جەمال قاشىقجى، 2 – ئۆكتەبىردە دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بەزى ماتېرىياللارنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار، ژۇرنالىستنىڭ بىنادىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر