كىرىكلارەلىدىمۇ كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

كىرىكلارەلىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 76 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1060591
كىرىكلارەلىدىمۇ كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىكلارەلى ۋىكلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى كوفچاز ۋە دەمىركۆي ناھىيەلىرىدە بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كەلگەن 76 كىشىنى تۇتتى.  

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر