تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ غەززەدە بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتا قاتتىق شۇنداقلا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلىدى.

1059767
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ غەززەدە تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن پايدىلانغان بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتا ئاشقۇن شۇنداقلا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىپ 7 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمى، 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردا پەلەستىنلىكلەرگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشنى پەرۋاسىزلارچە داۋاملاشتۇرۇشى، پەلەستىنلىك پۇقرالارنى قوغداش توغرىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى» دېيىلگەن باياناتتا يەنە، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە كېلەچەكتە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىمىز. تۈركىيە، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە تەقىپچىسى بولۇشنى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ شۇنداقلا خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر