ئەردوغان تۈرك تىل بايرىمىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 26-سېنتەبىر تۈرك تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1056512
ئەردوغان تۈرك تىل بايرىمىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەسىرلەردىن بۇيان تىنچلىقنىڭ، خۇش پېئىللىقنىڭ ۋە سۆيگۈنىڭ تىلى بولۇپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن تۈرك تىلىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پۇقرالارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان شۇنداقلا ئەڭ باي تىللاردىن بىرى بولغان تۈركچىمىز، بىزنى مىللەت قىلغان بايلىقلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ مىللەتلەرنىڭ ئۇپۇقىنى، دۇنيا قارىشىدىكى چوڭقۇرلۇقلىرىنى تىللارنىڭ ماھىيىتى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈرك مىللىتىنى جەم قىلغان مەنىۋى بايلىقلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلىشىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان تۈركچىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت، بىلىم ۋە مائارىپ تىللىرى ئارىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركچىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىشتە، ئىلمىي تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشتە، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەسىرلەردىن بۇيان ئىلغار مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان بۇ زېمىنلاردا، تىنچلىقنىڭ، خۇش پېئىللىقنىڭ ۋە سۆيگۈنىڭ تىلى بولغان تۈركچىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پۇقرالىرىمىز كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈرك تىل بايرىمىنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ خەيرىلىك ئويغىنىشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر