ئەردوغان گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېنمېيېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 27 – سىنتەبىردىن 29 – سىنتەبىرگىچە گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم دۆلەت سەۋىيەسىدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1056481
ئەردوغان گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ مەنسەپدىشى ۋالتېر ستېنمېيېردىن باشقا يەنە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەنمۇ كۆرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى، كۈلتۈر، ئىجتىمائىي جەمئىيەت مەسىلىلىرىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىدە سۈرىيە مەسلىسى، رايون خاراكتېرلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق مەسىلىلەر، تېررورىزمغا ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار شۇنداقلا تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋەسىلىسى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىگە ۋە تۈركىيە گېرمانىيە سودا - سانائەت كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېرمانىيە شىركەتلىرى مەسئۇللىرىغا نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغاننىڭ زىيارەت دائىرىسىدە يەنە، كولىن شەھىرىدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تۈرك ئىسلام بىرلىكى جامەسىنىڭ ئېچىلىش لىنتسىنى كېسىشى ۋە كولىندە تۇرۇشلۇق تۈركلەر بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە قىلىنغان تۇنجى دۆلەت سەۋىيەسىدىكى زىيارەت بولۇش ئالاھىلىكىدىكى بىلەنمۇ دىققەتلەرنى تارتماقتا.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى شېرىكى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق 3 مىليون 500 مىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناىسۋەتلەردە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر