ئەردوغان بۈگۈن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 73 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

1054858
ئەردوغان بۈگۈن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، 23 – سېنتەبىردىن 27 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان چەت ئەل زىيارىتى جەريانىدا، ب د ت يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، 24 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى «دۇنيا مۇساپىرلار كېلىشىمى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان خىزمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە دۇنياغا «تۈركىيەگە ياردەمچى بولۇڭلار» دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ.

ئەردوغان يەنە نيۇ يوركتا ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. ئۇ، ھەم باش كاتىپقا ھەم كۆرۈشىدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا 17 – سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

بۇ دائىرىدە، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ غا قورال ياردىمى قىلىشىدىن بىئارام بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقىنى كۆرۈشىدىغان رەھبەرلەرگە يەتكۈزىدۇ.

ئەردوغان نيۇ يوركتا ئامېرىكىلىق سودا ۋە سېلىنما ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى «تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش» قا چاقىرىدۇ. 26 – سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى نيۇ يوركتىن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر