تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا سىرتىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەرمەكتە
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەرمەكتە ھەم تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلماقتا.
1054272
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋاشىن – باسيان، مەتىنا ۋە زاپ رايونلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.