تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالى بىلەن ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا تاغلىق رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1043426
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالى بىلەن ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا تاغلىق رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنات – ھافتانىن، زاپ، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرى بىلەن ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تۈنۈگۈنكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئۆڭگۈر، پاناھلىنىش ئورنى، ئىستىھكام ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان رايونلارنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر