تۈركىيە ئىدلىب چېگراسىغا ئالاھىدە قىسىملارنى ئەۋەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسى كىلىستىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب چېگراسىغا ئالاھىدە قىسىملار، توپچىلار باتارىيەسى ۋە ئوق – دورىلارنى ئەۋەتتى.
![تۈركىيە ئىدلىب چېگراسىغا ئالاھىدە قىسىملارنى ئەۋەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a844/ce36/8ddb/5b8a3588e60f2.jpg?time=1718998274)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ھەربىي ھازىرلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىب چېگراسىغا ئالاھىدە قىسىملار، توپچىلار باتارىيەسى ۋە ئوق – دورىلارنى ئەۋەتىشكە باشلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا سۈرىيە مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ناسىر ئەلھەرىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى. تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئىدلىب ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە سىياسىي ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718998275)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.