تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى باشلاندى.
![تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/82a7/74ef/3f25/5b863ca30cda7.jpg?time=1719029060)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەزەربەيجانغا سەپەر قىلىش ئالدىدا ئايرودۇرۇمدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 27 – باشلىقلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەنئەنىگە ئاساسەن، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دوست ھەم قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجانغا قىلغانلىقىنى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان بىلەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھازىرغىچە ھەر ساھەدە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مۇستەھكەملەپ، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە خەلقلەر ئارا مەسىلىلەردە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋتىمىز. بۇ زىيارىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا ئىشىنىمىز. ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. پۈتكۈل ئەزەربەيجان خەلقىگە قىزغىن سالام يوللايمەن.»
ئىگىلىنىشىچە، بىنالى يىلدىرىمنىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى بۈگۈن باشلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719029061)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.