ئەردوغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە ماقالە يازدى

ئەردوغان ئەگەر ئامېرىكا ئۆز بېشىمچىلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىسە، تۈركىيەنىڭ يېڭى دوست ۋە ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1030311
ئەردوغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە ماقالە يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىيۇرك ۋاقىت گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدا، ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن يىرىكچىلكلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئەردوغاننىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان يىرىكچىلىككە قانداق قارايدۇ؟» تېمىلىق ماقالىسىدا، ئامېرىكىنى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، «شېرىكلىكىمىز خەۋپ ئاستىغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېشىمچى قەدەملىرىنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى ۋە «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە يامانلىق قىلتاق قۇرۇپ ئولتۇرغان بىر دەۋرەدە، ئۇزۇندىن بۇيان ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى تاشىلغان ئۆزبېشچىمچى قەدەملىرى پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.

ئەردوغان: «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ غەيرى سىممېترىك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن» دېگەن قاراشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيەنىڭ تاللاشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى جىكىلەپ، «بۇ ئۆزبېشىمچىلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرمەيدىغان بولسا، يېڭى دوست ۋە ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشنى باشلايمىز» دېدى. 

ئەردوغان يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىكلەرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن چۈشنۈشمەسلىكلەر بىلەن سىنالغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئامېرىكىنى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيە خەلقى دۇچ كەلگەن خەۋپلەرنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا، شىرىكلىكنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى. 

ئەردوغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، «پېنسىلۋانىيەدە ياشاۋاتقان فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى 2016يىلى 15 - ئىيۇلدا ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇندى. تۈركىيە خەلقى بۇ ھۇجۇمغا قارىتا ئامېرىكىدىن ئەيىبلەش ۋە تۈركىيەنىڭ سايلانغان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈتەتتى. بىراق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ/ پ ي د گە مىڭلىغان ئاپتوموبىل قورال يوللاپ بەردى. بۇ قوراللار تۈركىيە ۋە ئىراقتا پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ئەگەر ئۇنىمىسا، تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆز كىندىكىنى ئۆزى كېسىدىغانلىقىنى (يەنى ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغانلىقىنى) ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «1970يىللىرىدا قىبرىستىكى تۈركلەرگە قىلىنىۋاتقان قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بارلىق قارشى چىقىشلىرىغا قارىماستىن، قىبرىسقا كىردۇق. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە يۈزلەنگەن تەھدىتلەرنى ئامېرىكا چۈشەنگىلى ئۇنىمىغاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم ھەربىي ھەرىكەت باشلىدۇق» دېگەنلەرنىمۇ ئەسكەرتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر