تۇنجەلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بۈگۈن تۇنجەلى – ئۇۋاجىك تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1026348
تۇنجەلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى ئوۋاجىك تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بار تېررورچى بولۇپ جەمئىي 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

ئۇجۇقتۇرۇلغان سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەدە ئىسمى بار مەزكۇر تېررورچىنىڭ، 2016 – يىلى ماي ئېيىدا ئوۋاجىك تاغلىق رايونىدا 2 نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم خادىمىنىڭ يارىلىنىشى ۋە 2013 – يىلى ئاۋغۇستتا بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرگە ئارىلاشقانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر