تۈركىيە موڭغۇلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە موڭغۇلىيە دائىرلىرىنىڭ موڭغۇلىيەدە يۈز بەرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھادىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۇسۇلىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1022707
تۈركىيە موڭغۇلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە موڭغۇلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق تاراتقان خەۋەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

موڭغۇلىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەر توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي، بۇ تەشكىلاتىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق نۇرغۇن ئۇچۇر-مەلۇماتنى موڭغۇلىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاكسوي، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا چوقۇم تارتىلىشىنى لازىملىقىنى، لېكىن موڭغۇلىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ موڭغۇلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئارىلىشىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاكسوي مۇنۇلارنى بايان قىلدى: « موڭغۇلىيەدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ھادىسىنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىدەك كۆرسىتىش توغرا ئەمەس، بىز بۇنىڭدىن بىئارام بولدۇق. بۇ خەۋەرلەر پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، بىز بۇنى قەتئىي رەت قىلىمىز،

ئەنقەرەدىكى موڭغۇلىيە ئەلچىسىمۇ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىلدى ۋە موڭغۇلىيەدە يۈز بەرگەن ھادىسىنى موڭغۇلىيە دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش شەكلىگە كۈچلۈك شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى موڭغۇلىيەدە تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا، ئاساسسىز خەۋەرلەرنى تارقىتىپ جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا، موڭغۇلىيە دائىرىلىرىگە بۇ تەشكىلاتقا دىققەت قىلىشىنى سەممىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمىز، بىز يەنە موڭغۇلىيە دائىرىلىرىنى بۇ تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارىتا تېگىشلىك چارىلەرنى كۆرۈشىنىمۇ كۈتىمىز.»

موڭغۇلىيە تاراتقۇلىرى پايتەخت ئۇلانباتۇردىكى بىر تۈرك مەكىتىپىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان مۇدىرىنىڭ تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارتقاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇنى قەتئىي ھالدا رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر