دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدا ئىچكى - تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئىشلەتكەن تەھدىت تىلىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1022756
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدا ئىچكى - تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلدى.

بەش سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

باياناتتا، باشتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى، پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىللىي بىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مۇداپىئە سانائىتى لايىھەلىرىنى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە زىت شەرتلەرگە چاتقان قارارىنىڭ ۋە باياناتلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە شۇنداقلا ئىشەنچ مۇناسىۋىتىگە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى يەتكۈزىدىغانلىقى» قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئىشلەتكەن تەھدىت تىلىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە بىھۆرمەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى ۋە ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

سۈرىيە توغرىسىدا بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھېلىھەم پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ۋاقتىدا بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى يولىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلغان باياناتتا، «بۇ جەھەتتىكى كونكېرت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېيىلدى.

ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولسا،  يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «تۈركىيەنىڭ دېڭىزلاردىكى ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ قوغدىلىشى توغرىسىدىكى ئىرادىسى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر