«ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى ھەر دائىم كۈچەيتىۋاتىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ھەر دائىم كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1019259
«ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى ھەر دائىم كۈچەيتىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى نوۋرۇز مەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى ھەر دائىم كۈچەيتىۋاتىمىز، چەت ئەللەردىكى دىئاسپورالىرىمىزمۇ كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر