تۈركىيەنىڭ مىللىي پاراخوتى: مىلگەم

ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك خەۋەر – ئىش ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تارىق سەزگىننىڭ «تۈركىيەنىڭ مىللىي پاراخوتى: مىلگەم» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1016194
تۈركىيەنىڭ مىللىي پاراخوتى: مىلگەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پىلان – لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇ ئاستى مۇداپىئە جېڭى ۋە چارلاش پاراخوتى – مىلگەم لايىھەسى، يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايانغان ھالدا ھەربىي سانائەت رايونلىرىمىزدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل كېمەسازلىق قوماندانلىق مەركىزىدە ئىشلەپچىقىرىلدى. پىلان دائىرىسىدە، ھازىرغىچە دۆلىتىمىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان 4 مىللىي پاراخوتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇنىڭدىن باشقا پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجى بولغان 4 پاراخوتنى ياساپ بېرىش ھۆددىگەرلىكىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق.

دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم لايىھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان سۇ ئاستى مۇداپىئە جېڭى ۋە چارلاش پاراخوتى – مىلگەم پىلانى،  دۆلىتىمىزدىكى مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ھەربىي سانائەت رايونلىرىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلدى. پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسى باشلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلماقچى بولغان مىللىي مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار توسالغۇلار، قىيىنچىلىقلار بۇ يەردىمۇ پات – پات ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇردى. شۇنداقتىمۇ پىلاننى ئورۇنداش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

 

ئۆز دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل كېمەسازلىق قوماندانلىقىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان پىلاندىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە بۇ پىلاننى ئورۇنداۋاتقان قوماندانلارغا «مىلگەم لايىھەسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن نېمە لازىم بولسا چوقۇم قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىمەن» دەيدۇ. بۇ سۆز ۋە قىلىنغان ياردەملەر سايىسىدا بۈگۈنكى كۈندە تۆتىنچى پاراخوتىمىزنى دېڭىزغا چۈشۈردۇق. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستان بىلەن 4 پاراخوت ياساپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدۇق. يۇقىرىقى پىلان دائىرىسىدە، تۇنجى پاراخوتىمىز بولغان TCG ھەيبەلىئادا (F-511)  2011 – يىلى 27 – سېنتەبىردە؛ ئىككىنچى پاراخوتىمىز TCG بۈيۈكئادا (F-512) 2013 – يىلى 27 – سېنتەبىردىن باشلاپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ئۈچىنچى پاراخوتىمىز TCG بۇرگازئادا (F-513) 2016 – يىلى 18 – ئىيۇندا؛ تۆتىنچى پاراخوتىمىز TCG قېنالىئادا (F-514)  2017 – يىلى 3 – ئىيۇلدا دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە دېڭىز ئارمىيەسى قارمىقىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىلگەم ئالاھىدە بەرداشلىق كۈچىگە ئىگە پاراخوت بولۇپ، سۇ ئاستى پارتلاش زەربىسىگە چىدامچانلىقى  پەۋقۇلئاددە يۇقىرىدۇر. ئۇ، ھەرقانداق ئارقا سەپ ياردىمى بولماي تۇرۇپمۇ 10 كۈن بويىچە دېڭىزدا تۇرالايدۇ. تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلارغا پاراللېل ھالدا تېز سۈرئەتتە باشقا ئەسلىھەلەرگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان قۇرۇلمىغا ئىگىدۇر. ئۇنىڭ يەنە 10 توننىلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كېچە – كۈندۈز قونۇپ – قوزغىلالايدىغان ئالاھىدىلىكى بار.

مىلگەم - سۇ ئۈستى جېڭى، دېڭىز ئاستى مۇداپىئە جېڭى، ھاۋا مۇداپىئە جېڭى، چارلاش، كۆزىتىش ، سىممېترىك بولمىغان تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئە قىلىش، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئالاھىدىلىككە ئىگە پاراخوتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

مىلگەمگە ھەرىكەت ۋە ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن ھاۋا، سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى ۋە ئېلېكتىرونلۇق جەڭ مەقسەتلىك، سەزگۈر نىشان ئىزدەش ۋە تەقىب قىلىش سىستېمىلىرى؛ سۇ ئۈستى نىشانلارغا قارشى ئوق ۋە زەمبىرەك سىستېمىلىرى؛ ھاۋادىكى نىشانلارغا قارشى ئوق ۋە زەمبىرەك سىستېمىلىرى؛ سۇ ئاستى نىشانلارغا قارشى سۇ مىناسى (تورپىدو) سىستېمىلىرى؛ ئېلېكتىرونلۇق ياردەم ۋە لازېر نۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى (LİS) بىلەن RF / لازىرلىق رادار ۋە گ / لەرنى بايقاش ئىقتىدارى؛ ئىلغار تېخنولوگىيەلىك جەڭ قىلىش سىستېمىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدىلىك ۋە سىستېما سەپلەندى. يۇقىرىقى سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش ۋە ئېتىشنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىك  ئورگىنى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلىرى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان مىللىي پاراخوت – مىلگەم پىلان – لايىھەسى ئارقىلىق تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زامانىمىز تېخنولوگىيەسىگە ماس، يۇقىرى  ئۆلچەملەرگە ئىگە ئىلغار بىر سۇ ئۈستى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ لايىھە ۋە قۇراشتۇرۇلۇشى يەرلىك سانائەتنىڭ ياردىمى بىلەن مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مىلگەم ئىستانبۇل كېمەسازلىق زاۋۇتىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر ئورۇندا دۆلەت ئىشچى – خادىملىرى، ئوفىتسېر ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ قولى بىلەن ياساپ چېقىلدى . تۈركىيە مىللىي پاراخوت ئىشلەپچىقىرىشتا شۇنداق ماھارەت نامايان قىلدىكى، ئىشلەپچىقارغان پاراخوتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىشنى باشلىۋەتتى.

 

 

2018 – يىلى 5 – ئىيۇلدا ئېچىلغان پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىگە كېرەكلىك 4 پاراخوتنى ياساشنى ھۆددىگە بېرىش يىغىنىدا تۈركىيە ھۆددىگەرلىكنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھۆددىگەرلىك تۈركىيە مۇداپىئە تارىخىدىكى ھازىرغىچە كۆرۈلگەن بىرلا قېتىمدا 5 مىليارد دوللاردەك يۇقىرى مىقدارلىق ئېكسپورت يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ دائىرىدە، يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىشلىتىلىدىغان تۆت ئۇرۇش پاراخوتى ئىشلەپچىقىرىلىپ ئاچقۇسى پاكىستانغا تاپشۇرۇلىدۇ. پاراخوتلارنىڭ ئىككىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئىستانبۇل كېمەسازلىق قوماندانلىقىدا، قالغان ئىككىسى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ياسىلىدۇ.

تۈركىيە ئۆزى ئېھتىياجلىق مىللىي پاراخوتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقارغان پاراخوتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىشنى باشلىدى. بۇ دۆلىتىمىزگە پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىمە ھەسسە قوشىدىغان بىر ئىشتۇر.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر