ۋاندا يارىلانغان ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىسى شېھىت بولدى

ۋاندا بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يارىلانغان بىر ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىسى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.

1014515
ۋاندا يارىلانغان ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىسى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ساقچى ئىدارىسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنىڭ ۋەقە پەيدا قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 15 – ئىيۇلدا تېررورچىلار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەن، يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 3 ساقچى يارىلانغانىدى.

داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ساقچىلاردىن بىرى دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشىچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر