زەيبەكچى ئامېرىكىنىڭ ئىران قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ قارارىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1001006
زەيبەكچى ئامېرىكىنىڭ ئىران قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلغان ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئا ق ش نىڭ قارارىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئا ق ش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى «4 – نويابىرغىچە ئىراندىن نېفىت ئېلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈڭلار» دېگەنىدى. نىھات زەيبەكچى مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئا ق ش سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارلىرى بىز ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس. بىز تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە مۇۋاپىق قارىغىنىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز. بىز ب د ت نىڭ قارارلىرىغا بويسۇنىمىز. بىز پەقەت ب د ت  قارارلىرىنى ئېتىراپ قىلىمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئىراننىڭ زىيانغا ئۇچرىتىلماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر