ئامېرىكا دائىرىلىرى دونالد ترامپ بىلەن ئەردوغاننى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس: «ئۆزئارا كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ئۈچۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇشقا خىزمەت ئىشلىمەكتىمىز» دېدى.

999677
ئامېرىكا دائىرىلىرى دونالد ترامپ بىلەن ئەردوغاننى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس ئاق سارايدىكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ساندېرس تۈركىيەدىكى 24ئىيۇن سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس: «ئۆزئارا كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ئۈچۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇشقا خىزمەت ئىشلىمەكتىمىز» دېدى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ساندېرس ئۇچرىشىشنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

سايلامدىكى ئۇتۇقتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تەبرىك تېلېفونلىرى كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر