تۈركىيە پارلامېنتى دونالد ترامپقا خەت ئەۋەتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا خەت يازدى.

973540
تۈركىيە پارلامېنتى دونالد ترامپقا خەت ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يازغان خېتى ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا ۋەكىلى مۇستافا ئەلىتاش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى( پالامېنت)تىكى ئىشخانىسىدا ، ئامېرىكا مەجلىسىگە قاراشلىق ئالىي ۋە ئاۋام پالاتا تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يېزىلغان خەتكە جاۋابەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يېزىلغان ۋە 303 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى بولغان خەتنى، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا تەۋە تاشقىي سىياسەت بۆلۈمى باشلىقى جېففرېي ھۇلسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

ئەلىتاش خەتنى بەرگەندىن كېيىن ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەزگۈر ۋە ھالقىلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەلىتاش مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «پارلامېنتىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان خەتتە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار تىلغا ئېلىندى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بىزگە نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئىككى مەسىلە ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. خېتىمىزدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئامېرىكىنىڭ پەرۋاسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىشىمۇ تەنقىدلەندى. ئامېرىكىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ 40تەك يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمىز ئەسكەرتىلدى. سۈرىيەدە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ۋە گۇماشتىسى پ ي د غا يانتاياق بولۇشى سەۋەبىدىن ئىستىراتېگىيەلىك ۋە ئەخلاقىي خاتالىقلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئامېرىكىدىن بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن يەنە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشىمۇ تەلەپ قىلىندى. »

مۇستافا ئەلىتاش پارلامېنتنىڭ بۇ خەت ئارقىلىق ترامپنى،  تۈركىيەنىڭ مەۋجۇدلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ئىككى مۇھىم مەسىلىگە نىسبەتەن تۈركىيەدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان نارازىلىق نىدالىرىغا قۇلاق سېلىشقا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر