ياۋروپا تۈركىيەگە ھەيئەت ئەۋەتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بىر ھەيئەتنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

961483
ياۋروپا تۈركىيەگە ھەيئەت ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تېخنىك ئىشلارغا مەسئۇل ھەيئىتى پىلانغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، قالغان 7 شەرتكە ئالاقىدار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇچرىشىشتا، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى بىلەن بىرگە، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، 4 – ئاپرېلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىز تاپشۇرغان (ۋىزىنى بىكار قىلىشقا دائىر) پىلان توغرىسىدا بىر تېخنىك ھەيئەتنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر