تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ سايلام قارارى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

956091
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بالدۇر سايلام توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت (Heather Nauert)نىڭ «تۈركىيەدە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى، بىز بۇ قاراردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»دېگەن باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى.

ئاكسوي باياناتىدا مۇنداق دېدى: «جىددىي ھالەتنىڭ سايلاملارنى دېموكراتىيەلىك پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يامان نىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.»

سايلام رەسمىي ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتلارنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاكسوي، بۇ ئەھۋالنىڭ مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر